برېنت نېفىتىنىڭ باھاسى بىر خىل ھالەتنى ساقلاپ قالدى
ئۆتكەن ھەپتىلىك برېنت نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسى 55 دوللارنىڭ ئۈستىدە تۈز سىزىق ھالەتتە داۋام قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن ھەپتىنى 55.12 دوللار بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان برېنت نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسى، بۈگۈن (6-مارت) 55.92 دوللارغىچە چىقتى. غەربىي تېكساس (WTI) تۈرىدىكى خام نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى %0.54 تۆۋەنلەپ، 52.93 دوللار بولدى.
بۇ ھەپتىلىك نېفىت باھالىرىغا، ئامېرىكا نېفىت ئىنىستىتۇتى (API) بىلەن ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسى (EIA) ئېلان قىلىدىغان نېفىت ئامبىرى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
نېفىت باھالىرىغا يەنە، ئامېرىكىدا يېڭىدىن ئېچىلغان يەتتە قۇدۇقمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ سانى بۇنىڭ بىلەن 609 غا يەتكەن بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.