باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى ئاخىرقى باسقۇچىغا كىردى

دۇنيا ئەللىرى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان «باكۇ – تىفلىس- قارس تۆمۈر يولى» قۇرۇلۇشى ئىككى ئايدىن كېيىن خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدۇ.

685490
باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى ئاخىرقى باسقۇچىغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى ئەھمەد ئارسلان قارستا سۆز قىلىپ، باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «ئىككى ئاي ئىچىدە قۇرۇلۇش خىزمىتىنى تاماملاپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى ئايلىق جەرياندا سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىيۇن ئېيى ئىچىدە باكۇ – تىفلىس – قارس لايىھەسى بىلەن بىرلىكتە دىزېل پاراۋۇز ئىشلىتىشكە ئۆتۈشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى.

بۇ تۆمۈر يول لايىھەسىنىڭ يالغۇز تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، تۈركىيە ئارقىلىق سودا قىلىشنى خالايدىغان پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئارسلان، «خىتاي، قازاقىستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيەدىن كەلگەن يۈكلەر دۆلىتىمىز ئارقىلىق ياۋروپاغا يېتىپ بارىدۇ» دېدى.

خىتايدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگە، دۇنيا بازىرىغا بارىدىغان بىر مەھسۇلات ئۈچۈن دېڭىز يولى ئارقىلىق 45 كۈن بىلەن 60 ئارىلىقىدا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر ئەھمەت ئارسلان، يەنە رۇسىيە، شىمال كارىدورى ئارقىلىق كېلىدىغان بىر مەھسۇلاتنىڭمۇ ئادرېسىغا يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىر ئارسلان، باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولىنىڭ ۋاقىت ۋە چىقىم ئىسراپچىلىقىنى ئازايتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر