يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئەزەربەيجاندا

يېزا ئىگىلىك، يېمەك - ئىچمەك ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرى فارۇق چەلىك ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولماقتا.

678654
يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئەزەربەيجاندا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردە پايتەخت باكۇغا يېتىپ بارغان چەلىك، تۈركىيەنىڭ باكۇ باش ئەلچىخانىسىدا بېرىلگەن زىيارەتكە قاتناشتى ھەمدە بۇ يەردە ئەزەربەيجان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ھەيدەر ئەسەدوۋ ۋە كارخانىچىلار بىلەن كۆرۈشتى.

مىنىستىر چەلىك بۈگۈن 8 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – ئەزەربەيجان يېزا ئىگىلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا «يەم – خەشەك يېتىشتۈرۈش ۋە ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت» ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىدىغان يىغىنغا تەخمىنەن 100 شىركەتنىڭ خوجايىنى ۋە ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر