ب م ۋ، خىتايدىكى ئون مىڭلارچە ئاپتوموبىلىنى چاقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

BMW، خىتايدىكى بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەن 41685 ئاپتوموبىلنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرىدۇ.

672097
ب م ۋ، خىتايدىكى ئون مىڭلارچە ئاپتوموبىلىنى چاقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش – كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسى بايانات بېرىپ، BMW نىڭ 9 – ئۆكتەبىردە باشلىنىدىغان چاقىرىش قارارىنىڭ ئاپتوموبىللاردا كۆرۈلگەن بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسىدىكى كاشىلىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

قايتۇرۇۋېلىشنىڭ 2012 – يىلى 2 – فېۋرالدىن 22 – نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر خىل ئاپتوموبىللاردىكى 41685 ئاپتوموبىل ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى. باياناتتا، مەزكۇر ئاپتوموبىللارنىڭ شوپۇر ۋە ئالدى رەت ئوڭ تەرەپ بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىلىرىنىڭ گاز يەتكۈزۈش يولىدا كاشىلا چىقىش خەۋپنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە كاشىلا كۆرۈلگەن سايمانلارنىڭ ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

BMW، ئۆتكەن نويابىر ئېيىدا ئوخشاش كاشىلا يۈزىسىدىن خىتايدىكى 193611 ئاپتوموبىلىنى چاقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر