ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىردىنبىر ھالال مەھسۇلاتلار مەركىزى

ئىستانبۇل ھالال مەھسۇلاتلار Expo  يەرمەنكىسى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قوللىغان بىردىنبىر يەرمەنكە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى.

669117
ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىردىنبىر ھالال مەھسۇلاتلار مەركىزى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Discover Events  خەلقئارا يەرمەنكە پائالىيەتلىرى ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئورگان بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ھالال مەھسۇلاتلار يەرمەنكىسى تەشكىلاتنىڭ بىردىنبىر ھالال مەھسۇلاتلار يەرمەنكىسى بولۇپ قالغان.

دېكابىر ئېيىدا جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ يېقىندىن قوللىشى، تۈركىيە يۇقىرى ئۆلچەم ئىنىستىتۇتى، ئىسلام ئەللىرى يۇقىرى ئۆلچەم ۋە مېتېئورولوگىيە ئىنىستىتۇتى،  Discover Events  خەلقئارا يەرمەنكە پائالىيەتلىرى ئورگىنى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان يىغىندا 90 نۇتۇق سۆزلىگۈچى ھالال مەھسۇلاتلار ۋە پۇل – مۇئامىلە دۇنياسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانىدى.

يەرمەنكە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۇنيا ھالال مەھسۇلاتلار كېڭىشىنىڭ باشلىقى يۇنۇس ئەتە ماراكەشكە بېرىپ، مەزكۇر كېلىشىمنى ئىمزالىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر