3600 دۇكان جايلاشقان مىسلىسىز ۋە ناھايتى چوڭ بازار

ياۋروپا قىتئەسى بىلەن ئاسىيا قىتئەسىنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان تارىخىي چوڭ بازار.

668074
3600 دۇكان جايلاشقان مىسلىسىز ۋە ناھايتى چوڭ بازار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە چىقىدىغان «‹نىھون كېيزاي شىمبۇن› گېزىتى»، «تارىخىي كاپالىچارشى (ئۈستى يېپىق بازار) ئىستانبۇلدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك يەرلەردىن بىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئىستانبۇلدىكى تارىخىي يېرىم ئارالنىڭ ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان كاپالىچارشى ئالتۇن كۈمۈش ۋە قىممەت باھالىق تاشلاردىن ياسالغان زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى، تېرە مەھسۇلاتلىرى ۋە سوغاتلىق نەرسىلەر سېتىلىدىغان دۇكانلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 3600 دۇكان جايلاشقان مىسلىسىز ۋە ناھايتى چوڭ بىر بازار.

تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغانلارنىڭ تۇنجى كىرگەن دەرۋازىنى تاپالىشى ئاسان ئەمەس. زامانىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە بازار ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ دائىمىي جەزبىدارلىق ماكانى. بۇ بازار يەنە توي قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان قىز – يىگىتلەرمۇ زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋالىدىغان مۇھىم بىر جاي.

بۇ تارىخىي سودا – سېتىق مەركىزى شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن رايوننى پايتەخت قىلىپ بېكىتكەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ پادىشاھى 2 ماھمۇت تەرىپىدىن قۇرۇلغان.

شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملىق تەرەققىي قىلغان تارىخىي بازار قىش مەۋسۇمى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان شۇ كۈنلەردە يېڭى ساياھەت مەۋسۇمىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلانماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر