تۈركىيە بانكىلىرىغا بولغان ئىشەنچ يەر شارى خاراكتېرلىك ئوتتۇرىچە نىسبەتتىن ھالقىدى

تۈركىيە بانكىلىرى خېرىدارلىرىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە مۇئامىلە جەھەتتىكى دائىملىقى جەھەتتىن دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى.

662609
تۈركىيە بانكىلىرىغا بولغان ئىشەنچ يەر شارى خاراكتېرلىك ئوتتۇرىچە نىسبەتتىن ھالقىدى

خەلقئارا كۆزىتىش ۋە مەسلىھەتچىلىك شىركىتى EY 32 دۆلەتتە 55 مىڭدىن ئارتۇق بانكا خېرىدارلىرىنىڭ پىكرىنى سوراش ئارقىلىق تەييارلىغان ۋە خېرىدارلار بىلەن بانكىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تەتقىق قىلىنغان يەر شارى خاراكتېرلىك بانكىچىلىق ئىندېكسىغا كۆرە؛ تۈركىيە بانكىلىرىغا بولغان ئىشەنچ يەر شارى خاراكتېرلىك ئوتتۇرىچە نىسبەتنىڭ 75.1 سەۋىيەسىگە يەتكەن.

ئىندېكستە ئىستېمالچىلارنىڭ تۈركىيە بانكىلىرىغا بولغان ساداقىتى % 75.6 كە يەتكەن. ئىندېكس نەتىجىلىرىدە تۈركىيەدىكى پۇل – مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە بولغان ئىشەنچ يەر شارى خاراكتېرلىك ئوتتۇرىچە نىسبەتتىن % 10 نىڭ ئۈستىدە بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر