رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكسپورتى ئاشتى

رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكسپورتى % 4.9 ئاشتى.

662152
رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېرال ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكسپورتى بۇلتۇر يانۋاردىن نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىكىگە سېلىشتۇرغاندا، % 4.9 ئېشىپ، 233.2 مىليون توننىغا يەتكەن. رۇسىيەنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورتىدا نېفىتنىڭ ئۈلۈشى % 26.5 تىن % 26.1 گە چۈشكەن، ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورتتىكى ئۈلۈشى بولسا % 41.6 دىن % 44.8 كە يەتكەن.

بۇلتۇر نويابىر ئېيى ئېتىبارى بىلەن  بىر توننا نېفىت 326.6 دوللاردىن، يەر شارى خاراكتېرلىك بازارلاردا بولسا  بىر توننا ئۇرال نېفىتى 320.3 دوللاردىن سېتىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 300 مىڭ ۋارىلغا يەتكۈزۈشى كېرەك ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر