ئەزەربەيجان تۈركىيەگە سېتىپ بەرگەن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مىقدارى ئېلان قىلىندى

ئەزەربەيجاننىڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سېتىش نىسبىتى ھەققىدە سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىندى.

654298
ئەزەربەيجان تۈركىيەگە سېتىپ بەرگەن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مىقدارى ئېلان قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى  «SOCAR»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇشبەخت يۈسۈفزادە ئەزەرەبەيجاننىڭ تۈركىيەگە بۈگۈنگە قەدەر 43 مىليارد 8 مىليون كۈب مېتىر تەبىئىي گاز ساتقانلىقىنى ئېيتتى.

خۇشبەخت يۈسۈفزادە «رىسپوبلىكا» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدا، ئەزەربەيجاننىڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سېتىش نىسبىتى ھەققىدە سانلىق مەلۇمات بەردى.

يۈسۈفزادە شاھدىڭېز قۇدۇقلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 8 قۇدۇقتىن كۈندىلىك تەخمىنەن 19 مىليون 500 مىڭ كۈب مېتىر تەبىئىي گاز ۋە 6500 توننا كوندېنساتسىيەلەنگەن ماددا ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنگە قەدەر شاھدېڭىز قۇدۇقلىرىدىن جەمئىي 78 مىليارد 400 مىڭ كۈب مېتىر تەبىئىي گاز ۋە 19 مىليون 600 مىڭ توننا كوندېنساتسىيەلەنگەن ماددا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «2017 – يىلى 1 - يانۋارغىچە گىروزىيەگە جەمئىي 5 مىليارد 900 مىليون، تۈركىيەگە 43 مىليارد 800 مىليون كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز بەردۇق.  گوزىيەگە كۈندىلىك 4 مىليون، تۈركىيەگە بولسا، كۈندىلىك 18 مىليون 500 مىڭ كۈب مېتىر تەبىئىي گاز يوللىدۇق» دېدى.

يۈسۈفزادە ئالدىنقى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىستاتىستېكىسىنى ئېلان قىلىپ، ئەزەربەيجاندا 2016 – يىلىدا 41 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت، 29 مىليارد 400 مىڭ كۈب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر