تۈركىيە قارا دېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى

تۈركىيە، 1 – يانۋاردىن باشلاپ قارا دېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالدى.

653751
تۈركىيە قارا دېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى مەزگىلىدە رايون ئەللىرى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلىدىغان بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلۈشى نىشان قىلىنماقتا.

ئىيۇن ئېيىغىچە داۋاملىشىدىغان 6 ئايلىق نۆۋەتچى رەئىسلىك مەزگىلىدە، تۈركىيە سودا ۋە سېلىنما ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا ئەھمىيەت  بېرىدۇ.

1992 – يىلى تۈركىيەنىڭ باشلامچىلىقىدا قۇرۇلغان قارا دېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتە 12 ئەزاسى بار؛  بۇ تەشكىلات، ئەزا ئەللەرنىڭ ئىمكانىيەتلىرى، جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرى، ئىقتىسادلىرىنىڭ بىر – بىرىنى تولۇقلىغۇچى ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئارىسىدىكى ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىقتىسادىي، تېخنولوگىيەلىك ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشنى، بۇ ئارقىلىق قارا دېڭىز ھاۋزىسىنى بىر تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە باياشاتلىق رايونىغا ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر