ئىراق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتتى

ئىراق نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى چىقارغان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشقا مۇناسىۋەتلىك قارارىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.

ئىراق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى جەببار ئەللەيبى مىنىستىرلىقنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ۋىيانادا چاقىرىلغان يىغىنىدا ئېلىنغان: «كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش» قا مۇناسىۋەتلىك قارارىغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشقا مۇناسىۋەتلىك قارارىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.»

ئىراق تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش ۋە دۆلەتتىكى توقۇنۇشلاردا زىيانغا ئۇچرىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى رېمۇنت قىلىش ئۈچۈن، بۇلتۇر دائىم دېگۈدەك نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش قارارىغا داخىل قىلىنماسلىقنى تەلەپ قىلغانىدى.

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن 11 مۇستەقىل نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت يەر شارى خاراكتېرلىك نېفىت بازارلىرىنى مۇقىملىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئالدىنقى ئايدا كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تەخمىنەن 1.2 مىليون ۋارىل ئازايتىش توغرۇلۇق قارار ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر