كانادادا مۇسۇلمان بىر تىجارەتچى پۇلى يوقلارغا ھەقسىز تاماق بەرمەكتە
كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدە ئاشخانىسى بار بىر مۇسۇلمان تىجارەتچى پۇلى يوقلارغا ھەقسىز تاماق بەرمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستې كاسرىن سترىت ۋېست ۋە ماكېي كوچىلىرىنىڭ بىر چېتىدە ئاشخانىسى بار بولغان يەھيا ھاشىمى ئاشخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئىنگلىز ۋە فىرانسۇز تىللىرىدا ئېسىپ قويغان ۋىۋىسكا ئارقىلىق پۇلى يوقلارغا ھەقسىز تاماق بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ دۆلەتتە ئاممىۋى تاراتقۇلاردا بىردىنلا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
بۇ خىزمەتنىڭ ئۇدا 5 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھاشىمى، ھەقسىز تاماق مۇلازىمىتى ئۈچۈن قانچىلىك چىقىم كېتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ باقمىغانلىقىنى، ئاچلارنىڭ قارنىنى تويغۇزۇشنىڭ ئېتىقادىنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ھەقسىز تاماق مۇلازىمىتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئاشخانىغا تاماق يېيىش ئۈچۈن كەلگەن بەزى خېرىدارلىرىنىڭمۇ ھەسسە قوشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھاشىمى، «بۇ يەرگە كېلىپ، پۇلۇم يوق دېگەن ھېچقانداق بىر كىشىگە قانداق كىيىم كىيگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تاماق بېرىمىز. پۇلى يوقلار كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىمالال ھالدا بۇ يەرگە كېلىپ تامىقىنى يەپ، كېتىدۇ» دېدى.