دۇنيا ئىقتىسادى ۋە تۈركىيەدە بايلىق فوندى | ئانالىز

دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۈركىيەدە بايلىق فوندى» ماۋزولۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

644234
دۇنيا ئىقتىسادى ۋە تۈركىيەدە بايلىق فوندى | ئانالىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بايلىق فوندى دۇنيادا كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلمەكتە. بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى تۆۋەن ئەللەردە ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە تەرەققىياتقا، ئۇزۇن مەزگىللىك سېلىنمىلارغا مەنبە يارىتىشقا بىۋاسىتە ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە.

بايلىق فوندى ئېمتىئا ۋە غەيرى ئېمتىئادىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئىگە بولغان سەرمايە مەنبەسى نۇقتىسىدىن نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا ئوخشاش تەبىئىي مەنبەلەرنىڭ ئېكسپورت كىرىملىرى بىلەن ھاسىل قىلىنغان بايلىق ئېمتىئا فوندى؛ تاشقى سودا مەنبەلىك دائىملىق ھېسابات ئېشىندىسى، خۇسۇسىيلاشتۇرۇش، فوندى ۋە تاشقى پېرېۋوت زاپاسلىرىغا ئوخشاش مەنبەلەر غەيرى ئېمتىئا فوندى، دەپ ئاتىلىدۇ.

دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئېمتىئا مەنبەلىك فوندىلىرىغا ئىگە دۆلەتلەر، تەبىئىي بايلىقلىرى مول نورۋېگىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار ۋە رۇسىيە قاتارلىقلاردۇر. 847 مىليارد 600 مىليون دوللار بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ سېلىنما فوندىغا ئىگە دۆلىتى نورۋېگىيەدۇر. نورۋېگىيە بايلىق فوندى بىلەن Nestle, Royal Dutch Shell, Apple, Roche Holding, Novartis, Alphabet  ۋە  Microsoftدېگەندەك دۇنيا مىقياسىدىكى مۇھىم شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىنماقتا.

خىتاي، خوڭكوڭ ۋە سىنگاپورغا ئوخشاش دۆلەتلەر بولسا، ئېكسپورت ئېشىندىسى بىلەن ھاسىل قىلىنغان غەيرىي ئېمتىئا بايلىق فوندىلىرىغا ئىگە بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدا 813 مىليارد 800 مىليون دوللار بىلەن ئەڭ كۆپ غەيرىي ئېمتىئا بايلىق فوندىغا ئىگە بولغان خىتاي، سېلىنمىلىرىنى يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى ۋە ئاسىيا ئۈستقۇرۇلمىغا مەبلەغ سېلىش بانكىسى لايىھەلىرىگە سەرپ قىلماقتا.

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە جارى بولۇۋاتقان بايلىق فوندىلىرىنىڭ نىشانلىرى، ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە خەلقنىڭ باياشاتلىقىنىڭ قوغدالغان ھالەتتە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلۈشى، ماكرو ئىقتىسادىي سىياسەتلەر بىلەن مالىيە مۇقىملىقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشىدە گەۋدىلىنىدۇ.

بايلىق فوندىنىڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادلىرىغا قوشىدىغان تۆھپىسى بولسا، كۆپلىگەن ساھەلەردە ئۆزىنى نامايان قىلماقتا. بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە سەرمايە كىرىشىگە باشلامچىلىق قىلىدىغان بۇ خىل فوندىلارنىڭ يەنە ئىچكى – تاشقى ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىدىغان داۋالغۇشلارغا قارشى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ بەرداشلىق كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىمۇ ھەممىگە مەلۇم. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، چوڭ قۇرۇلۇش لايىھەلىرىنى مەبلەغ ۋە مالىيە سىستېمىلىرىنى كۆچمە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش، پۇل – مۇئامىلە مۇۋازىنىتىنى مۇھاپىزەت قىلىش دېگەندەك ساھەلەردىمۇ بايلىق فوندىلىرى ئالاھىدە دىققەتنى تارتماقتا.

ھەم تەرەققىي تاپقان ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئىقتىسادلىرى ئۈچۈن كۈنسېرى ئەھمىيىتى كۈچىيىۋاتقان بايلىق فوندىلىرىنىڭ مەبلىغى 2016 – يىلى ئېتىبارى بىلەن 7 تىرىليون 400 مىليارد دوللارغا يەتتى. دۇنيادىكى 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىكى 80 گە يېقىن بايلىق فوندىنىڭ تەبىئىي بايلىق زاپىسى مول ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئېكسپورت ۋە مالىيە مەركەزلىرىگە تايىنىدىغان يىراق شەرقتە كۆپ ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە.

20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ئەللەرنىڭ تۈركىيەدىن باشقا ھەممىسىدە بار بولغان بايلىق فوندى،2016 – يىلى 26 – ئاۋغۇستتا قۇرۇلۇش مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈركىيەدىمۇ ۋۇجۇدقا چىققان بولدى. بۇ فوندىنىڭ قۇرۇلۇش سەرمايىسى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش فوندى تەرىپىدىن قامدىلىدۇ، تۈركىيە بايلىق فوندى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

تۈركىيە بايلىق فوندى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە كۆپلەپ كۆرۈلىدىغان سەرمايە داۋالغۇشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چوڭ ھەجىملىك ئۈستقۇرۇلما ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش، ئىسلامىي مالىيە مەنبەلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي ئېشىشقا ئىجابىي تۆھپە قوشۇش ۋە تۆۋەن چىقىم نىسبىتىنى ساقلاپ قېلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار نىشان قىلىنىدۇ.

بۇلار بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە بايلىق فوندىنىڭ بولۇپمۇ تەرەققىيات پاراۋۇزى بولغان ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى سېلىنمىلىرىغا، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە شىركەتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىغا، ئىقتىسادتا يۇقىرى ۋە سىجىل ئېشىشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىق يولىنىڭ داغداملاشتۇرۇلۇشىغا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە مەنبە بولۇش رولىنى ئوينىشى كۈتۈلمەكتە.

تۈركىيەدە قۇرۇلغان بايلىق فوندى مەۋجۇت فوندىلاردىن پەرقلىق ھالدا، نە ئېمتىئا نە غەيرى ئېمتىئا ئەمەس، بەلكى ھەر ئىككىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان پەرقلىق بىر بايلىق فوندى بولغانلىقى ئۈچۈن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر نۇقتىسىدىنمۇ دىققەتنى تارتىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، ئېمتىئا كىرىملىرى، دائىملىق ھېساباتلار ۋە دائىملىق ھېسابات ئېشىندىسىدىن كىرگەن كىرىملارنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدە دۆلەت ئىقتىسادىغا ھەسسە قوشۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بايلىق فوندى، كۆپلىگەن تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. بۇ مەنىدە ئېمتىئا ۋە غەيرى ئېمتىئا مەنبەلىرىدىن ھاسىل بولىدىغان تۈركىيە بايلىق فوندىنىڭ تۈركىيەگە نىشانلىرىغا يېتىشىدە ماياكلىق رول ئوينايدىغانلىقى ئېنىقتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر