پاكىستان پايچېك بازىرىنىڭ يېرىمىغا يېقىن پېيى خىتايغا سېتىلدى
خىتاي شىركەتلىرى پاكىستان پايچېك بازىرىنىڭ يېرىمىغا يېقىن پېيىنى سېتىۋالدى.
636313
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان پايچېك مەركىزىنىڭ (PSX)%40 پېيى خىتايلارغا سېتىلدى.
پاكىستان پايچېك مەركىزىنىڭ (PSX)نىڭ بىلدۈرۈشىچە شاڭخەي پايچېك مەركىزى، شېنجېن پايچېك مەركىزى، پاكىستان-خىتاي مەبلەغ شىركىتى ۋە ھابىب بانكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئورۇن ۋە شىركەتلەردىن تەشكىل تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدە، پاكىستان پايچېك مەركىزىنىڭ پايلىرىنىڭ %40نى 85 مىليون دوللارغا سېتىۋالغان.