دۇنيا بانكىسى ئىراققا زور مىقداردا قەرز بېرىدۇ

دۇنيا بانكىسى ئىراققا 1 يېرىم مىليارد دوللار ئەتراپىدا قەرز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

635279
دۇنيا بانكىسى ئىراققا زور مىقداردا قەرز بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسى ئىراققا 1 مىليارد 485 مىليون دوللار قەرز پۇل بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا بانكىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراققا قەرز پۇل بېرىلىشتىكى مەقسەتنىڭ نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشلەر سەۋەبىدىن  ئېغىرلاپ كەتكەن ئىقتىسادىي يۈكىنى يىنىكلىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

باياناتتا، دۇنيا بانكىسىنىڭ ھازىرغىچە ئىراققا 3مىليارد 400 مىليون دوللار قەرز پۇل بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

دۇنيا بانكىسىنىڭ بۇ قارارى ئۈستىدە توختالغان دۇنيا بانكىسى ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى باشقارمىسى رايون مۇدىرى فېرىد بىلھاك مۇنداق دېدى: «ئىراقتا توقۇنۇشلار داۋاملىشىپ نېفىت باھاسى تۆۋەنلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىراق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي سىجىللىقنى قوغدايدىغان كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھاتلارنى جەسۇرلاچە ئېلىپ بارماقتا، خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن شارائىت ياراتماقتا، شۇنداقلا ئىراق جەمئىيەتنىڭ ھەممە قاتلىمىنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدىگەن ھالدا پىلان-لايىھەلەر ئۈستىدە خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر