گاز پروم بىلەن ئالسىس شىركىتى تۈرك ئېقىمى لايىھەسى بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى

رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى گازپروم بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ ئالسىس شىركىرى ئوتتۇرىسىدا، تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز لىنيە لايىھەسى دائىرىسىدە، دېڭىزدا ياسىلىدىغان تۇنجى لىنيە ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزاالاندى.

626807
گاز پروم بىلەن ئالسىس شىركىتى تۈرك ئېقىمى لايىھەسى بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ گازپروم شىركىتى شىۋېيتسارىيەنىڭ ئالسىس شىركىتى بىلەن تۈزگەن تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز لىنيە كېلىشىمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، شىۋېيتسارىيە ئالسىس شىركىتىنىڭ كېلىشىم بويىچە قارا دېڭىزدا جەمئىي 900 كىلومېتىر تۇرۇبا لىنيەسى ياسايدىغانلىقى، قۇرۇلۇشنى 2017-يىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ تۇنجى لىنيەسىنى ياساشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم ئىمزالاندى. ئالسىس شىركىتى تۈرك ئېقىمى لايىھەسى دائىرىسىدە ياسىلىدىغان ئىككىنچى تۇرۇبا يولى ئۈچۈن تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە.»

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 10-ئۆكتەبىر تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز لىنيەسى لايىھە كېلىشىمى ئىمزالانغان بولۇپ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئۆتكەن ھەپتە لايىھەگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.  

لايىھە بويىچە، ھەربىرى 15.75 مىليارد كۇبمېتىر سىغىمچانلىققا ئىگە ئىككى تۇرۇبا يولى ياسىلىدۇ. بىرىنچى لىنيە تۈركىيەگە، ئىككىنچى لىنيە كېرەكلىك تەمىناتلار ھەل قىلىنغان تەقدىردە ياۋروپاغا تۇتاشتۇرۇلىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر