تۈركىيە ۋە خىتاي مەركىزى بانكىلىرى مىللىي پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى

تۈركىيە مەركىزى بانكىسى بىلەن خىتاي مەركىزى بانكىسى مىللىي پۇللىرىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى.

626258
تۈركىيە ۋە خىتاي مەركىزى بانكىلىرى مىللىي پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزى بانكىسى بىلەن خىتاي مەركىزى بانكىسى ئوتتۇرىسىدا تۇنجى پۇل ئالماشتۇرۇش ۋۇجۇدقا چىقىرىلدى.

تۈركىيە مەركىزى بانكىسى ۋە بانكىچىلىق ساھەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن «تاشقى سودىدا مىللىي پۇل بىرلىكلىرىنى ئىشلىتىش»مەسىلىسىنى ھەر قايسى ساھەلەر قوللاپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە ، خىتاي بىلەن تۈركىيە مەركىزى بانكىلىرى ئوتتۇرىسىدا تۇنجى پۇل ئالماشتۇرۇش رەسمىيىتى 2016-يىلى 30-نويابىردا ئىشقا ئاشقان.

ھېلىھەم قانۇنىي كۈچى بولغان 2012-يىلى ئىمزالانغان پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى 2015-يىلى يەنە 3 يىل ئۇزارتىلىپ، كېلىشىمىنىڭ قىممىتى 12 مىليارد يۇەنگە چىقىرىلغانىدى.  

تۈركىيەنىڭ يەرلىك بانكىلىرىدىن بىرىنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىپ تۈركىيەدە بانكىچىلىق ساھەسىگە 2015-يىلى 22-مايدا كىرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە پائالىيەت قىلىۋاتقان خىتاي سودا-سانائەت بانكىسى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ مەركىزى بانكىلىرى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ روھىي بويىچە ئىش قىلغان تۇنجى ئورۇن بولدى.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شىرىكلىرىدىن بىرى بولغان خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا بۇلتۇرقى سودا ئومۇمىي سوممىسى 28 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، ئۆز-ئارا پۇل ئالماشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم تۈرتكىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى تۈگىتىش، سودا ۋە سېلىنمىلاردا مىللىي پۇللارنى ئىشلىتىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئۆز-ئارا پۇل ئالماشتۇرۇش رەسمىيىتى سودا بانكىلىرى مەركىزى بانكىدىن سېلىنما سېلىنىدىغان ۋە سودا قىلىنىدىغان دۆلەتنىڭ پۇل بىرلىكىنى تەلەپ قىلىشى بىلەن باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ رەسمىيەت مەركىزى بانكىلارنىڭ بېكىتىلگەن مىقداردىكى مىللىي پۇلنى مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە ئالماشتۇرۇش ۋە مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن ئالماشتۇرۇلغان ئاساسلىق پۇللار ۋە ئىشلىتىلگەن مىللىي پۇللارنىڭ قەرز ئۆسۈملىرىنىڭمۇ قايتۇرۇپ بېرىلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر