تۈركىيە ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچ ئىندېكسى نويابىردا ئاشتى
تۈركىيە ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچ ئىندېكسى نويابىردا ئۆكتەبىر ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا كۆرىنەرلىك ئاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچ ئىندېكسى نويابىردا %7.2 ئېشىپ %86.55گە يەتتى.
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى نويابىرغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي ئىشەنچ ئىندېكسىنى ئېلان قىلدى.
ئىندېكىسقا ئاساسلانغاندا، ئىقتىسادىي ئىشەنچ ئىندېكسى نويابىردا ئۆتكەن ئايغا سېلىشتۇرغاندا %7.4 ئېشىپ، %80.56دىن %86.55گە يەتكەن، ئىقتىسادىي ئىشەنچ ئىندېكسىدىكى ئېشىشقا ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى ۋە مۇلازىمەت ساھەسى ئىشەنچ ئىندېكىسدىكى ياخشلىنىش سەۋەب بولغان.
ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى ۋە مۇلازىمەت ساھەسى ئىشەنچ ئىندېكسى نويابىردا ئۆتكەن ئايغا سېلىشتۇرغاندا %7.3 ئېشىپ %107.6، مۇلازىمەت ساھەسى ئىشەنچ ئىندېكسى بولسا %2.4 ئېشىپ %96.78گە يەتتى.
نويابىردا سودا ساھەسى ئىشەنچ ئىندېكسى ئۆكتەبىر ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %0.2 ئازىيىپ، %96.03كە، قۇرۇلۇش ساھەسى ئىشەنچ ئىندېكسى %6.9 تۆۋەنلەپ %75.75گە چۈشتى.
ئىستېمالچى ئىشەنچ ئىندېكسىمۇ ئوخشاش مەزگىلدە %6.9 ئازىيىپ، %68.93 كە تۆۋەنلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە ئىقتىسادى % 2.1 تەرەققىي قىلدى
تۈركىيە ئىقتىسادى ئۇدا 17 پەسىلدىن بۇيان داۋاملىق تەرەققىي قىلماقتا.