رۇسىيە ئىقتىسادىي توغرۇلۇق تالاش-تارتىشلار كەسلىنىشىپ كەتتى

رۇسىيە ئىقتىسادىي توغرۇلۇق ئىجابىي ۋە سەلبىي بولۇپ ئوخشىمىغان كۆز-قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

615626
رۇسىيە ئىقتىسادىي توغرۇلۇق تالاش-تارتىشلار كەسلىنىشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېتنى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىقتىساد ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى سېرگېي گىلازيېۋ، رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالغان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق پۇل-مۇئامىلە ئۇنىۋېرىستېتىدە سۆز قىلغان گىلازيېۋ، رۇسىيە ئىقتىسادىغا ئىجابىي باھالارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق باھالارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ رۇس رۇبلىسىنىڭ ئەركىن تاشقى پىرۇۋت پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئالماشتۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىشىدىن كېيىن، رۇس رۇبلىسىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىپ ئېغىر دەرىجىدە پۇل پاخاللىشىش ھادىسىسىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان گىلازيېۋ، بۇ ھادىسىنىڭ تەسىرلىرىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «مەركەز بانكىسى قەرز ئۆسۈملىرىنى ئۆستۈرۈشكە باشلىغاندىلا ئىقتىسادىي گۈللىنىش توختاپلا قالدى. نۆۋەتتە يۇقىرى نىسبەتتە پۇل پاخاللىشىش سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن تۇرغۇنلۇق ئىچىدە  تۇرۇۋاتىمىز.»

كىرمېلنىڭ باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ بولسا گىلازيېۋنىڭ قارىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىي ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئىقتىسادشۇناسلارمۇ ئۇنىڭ قارىشىغا قوشۇلمايدۇ.»

رۇسىيە مەركەز بانكىسى 2014-يىلنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا دوللارغا نىسبەتەن قىممىتى چۈشۈپ كەتكەن رۇبلىنى تاشقى پىرۇۋۇتقا ئالماشتۇرىدىغان دولقۇنسىمان كارىدورلۇق بەلگىلىمىنى بېكار قىلىپ، ئەركىن تاشقى پىرۇۋت پىرىنسىپىغا رۇخسەت قىلغانىدى.

بۇلتۇر ئىقتىسادىي %3.7 تۆۋەنلەپ كەتكەن رۇسىيەدە بۇ يىل پۇل پاخاللىق نىسبىتى %12.9 ئەتراپىدا بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر