دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت ساھەسى تېپىلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 4 - نېفىت ساھەسى تېپىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق گېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېكساس ئىشتاتىنىڭ غەربىدىكى پېرمىئېن ۋادىسىدىكى ۋولفكامپ ساھەسىدە تەخمىنەن 20 مىليارد ۋارىللىق خام نېفىت ساھەسى تېپىلغان بولۇپ، ساھەدە يەنە تەخمىنەن 450 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گازنىڭ بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن، ۋولفكامپ نېفىت ساھەسى، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى 75 مىليارد ۋارىل نېفىتى بار گھاۋار ساھەسى، كۇۋەيتتىكى 65 – 70 مىليارد ۋارىل نېفىتى بار بۇرگان ساھەسى، يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى 50 مىليارد ۋارىل نېفىتى بار سافانىيە ساھەسىدىن قالسا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 4 - نېفىت ساھەسى بولۇپ قالدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.