ئالىبابا بويتاقلار بايرىمىدا تور سودىسى رېكورتى ياراتتى

خىتايدىكى سودا تور بېتى ئالىبابا، بويتاقلار بايرىمىدا 24 سائەت ئىچىدە 18 مىليارد دوللارلىق سودا قىلدى.

609666
ئالىبابا بويتاقلار بايرىمىدا تور سودىسى رېكورتى ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ توردىكى سودا – سېتىق ئورنى ئالىبابا شىركىتى، خىتايدىكى «قوش ئون بىر (11- ئاينىڭ 11 – كۈنى) بويتاقلار بايرىمى» دىكى سودىسىدا ئۆتكەن يىلقى 14 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق سودىسىنى بۇ يىل %32 ئاشۇرۇپ، 120 مىليارد 700 مىليون يۈەن (18 مىليارد دوللار ئەتراپىدا) گە يەتكۈزدى.

ئالىبابا ئۆتكەن يىلقى جەمئىي سودىسىغا قارىغاندا، دەسلەپكى 15 سائەتتە 91 مىليارد 200 مىليون يۈەن، دەسلەپكى بىر سائەتتە 36 مىليارد 200 مىليون يۈەن سودا قىلىپ يېڭى بىر رېكورت ياراتتى. بۇ يىلقى سودا – سېتىقتا ئاساسلىقى كۆچمە ئالاقىلىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئالاھىدە دىققەتنى تارتتى.

ئىگىلىنىشىچە، بويتاقلار بايرىمىدا توردا سودا قىلىدىغان ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نەرسە – كېرەكلەردىن تارتىپ ئۆي جاھازلىرى ھەتتا كىيىم – كېچەكلەرگىچە بولغان باھاسى چۈشۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارغا ئالاھىدە قىزىققان خىتاي پۇقرالىرى، باھا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چۈشۈرۈلىدىغان بايرامدا توردىن نەرسە – كېرەك سېتىۋىلىشنى كۈتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر