دۇنيا بانكىسى خەلقئارا جەمئىيەتنى لىۋىيە توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

دۇنيا بانكىسى، «لىۋىيە نوپۇسىنىڭ ئۈچتە بىرىنىڭ ئىنسانىي ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكى» ئېيتىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاگاھلاندۇردى.

600559
دۇنيا بانكىسى خەلقئارا جەمئىيەتنى لىۋىيە توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى – لانا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دۇنيا بانكىسى دوكلاتىدا، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختىشى ۋە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار يۈزىسىدىن لىۋىيە خەلقىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنىڭ يوقسۇللۇقنىڭ پەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى، 2 مىليون 400 مىڭ ئادەمنىڭ ئىنسانىي ياردەمگە موھتاج ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

دۇنيا بانكىسىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدە مەۋجۇت مۇقىمسىزلىقنىڭ پېيى بارلىقى ئەسكەرتىلدى. ئافرىقىنىڭ ئەڭ زور نېفىت زاپىسىغا ئىگە دۆلىتى، دەپ قارىلىۋاتقان لىۋىيەدە، نېفىتتىن كىرىدىغان كىرىم دۆلەت خەزىنىسىنىڭ %95 ىنى تەشكىل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر