باكۇ – تىفلىس – جەيھان خام نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرماقتا

يۈز يىلنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى پىلانى باكۇ – تىفلىس – جەيھان تۇرۇبىسىدىن ئەۋەتىلگەن مىقدارى 124 ئايدا 2 مىليارد 575 مىليون ۋارىلغا يەتتى.

597388
باكۇ – تىفلىس – جەيھان خام نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بوغۇزلىرىنى نېفىت پاراخوتلىرى قىستاڭچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرغان تۇرۇبا لىنىيەسى، غەربكە توختاۋسىز شۇنداقلا بىخەتەر ئېنېرگىيە ئەۋەتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى سەۋەبىدىنمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. 3 يېرىم مىليارد دوللار چىقىم كەتكەن باكۇ – تىفلىس – جەيھان خام نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىنلىشىدۇ.

بۇ لىنىيە بىلەن ئەزەربەيجان نېفىتى گىرۇزىيە ئارقىلىق جەيھاندىكى دېڭىز پورتىغا، ئۇ يەردىن نېفىت يۆتكەش پاراخوتلىرى  ئارقىلىق دۇنيا بازارلىرىغا سلېىنماقتا.

باكۇ – تىفلىس – جەيھان خام نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىگە دەسلەپ قېتىم 2006 – يىلى 2 – ئىيۇندا خام نېفىت قويۇۋېتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر