ئەردوغان شەھەر لايىھەلىرىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك ساريىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىزمىر ۋە كوجائەلى شەھەر دوختۇرخانا لايىھەلىرىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

593566
ئەردوغان شەھەر لايىھەلىرىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بۇ  يەردەقىلغان سۆزىدە، خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگانلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلار باشقىلارنىڭ يوليۇرۇقى بويىچە ئىش قىلدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى توغرۇلۇق ئالغان قارارىنىڭ ھېچبىرى كۈچكە ئىگە ئەمەس. تۆت ئەتراپىمىزدا ئۇرۇش بولۇۋاتقان، كىرىزىس پۈتكۈل رايونىمىزنى قاپلاپ كەتكەن بولسىمۇ، بىز يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانىمىزنى بويلاپ، يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.» تۈركىيەنىڭ كېلەچىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ساھەلىرىدىن بىرى بولغان سەھىيە ساھەسىدە، رايونىمىزدا ۋە دۇنيادا سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتكە ئايلىنىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «تۈركىيە سەھىيە ساھەسىدىمۇ 2023 – يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانىغا يېتىش يولىدا داۋاملىق ئالغان ئىلگىرىلىمەكتە» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ  2015- يىلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن % 4 تەرەققىي قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر خىتاي ۋە ھىندىستاندىن باشقا تۈركىيە 2 ھەسسە تەرەققىي قىلدى. بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدىكى تەرەققىيات نىسبىتى % 3.9 غا، ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى % 46 كە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن، 6.7 مىليون كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان بولدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 52.3 كە يەتتى.  ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ % 10.7 كە يېتىشىدىكى سەۋەب، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تارايتىش ئەمەس، ئەكسىچە ئەمگەك كۈچىنىڭ ئېشىشىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر