ئۇكرائىنا رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو ئىمزالىغان قارارنامىگە ئاساسەن رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارارنامە دائىرىسىدە روسوبورونېكسپورت روستېك، ئىجماش، ئۇرالېكتروماش ۋە قاماز قاتارلىق مۇھىم رۇس شىركەتلەر ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
رۇسىيە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى رەھبىرى ۋلادىمىر جىرىنوۋسكى، رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دمىترىي روزوگىن ۋە ئاتالمىش قىرىم باش مىنىستىرى سېرگېي ئاكسېنوۋ قاتارلىقلارمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان ئالاھىدە شەخسلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، زولوتايا كورونا، كولىبرى، لىدېر قاتارلىق رۇس شىركەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى پائالىيەتلىرى چەكلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئائېروفلوت، ئالماز – ئانتېي، كاسپېرسكىي قاتارلىق شىركەتلەرگە قارىتىلغان چەكلىمەر داۋاملاشماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.