ئوپېك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېك، چارشەنبە كۈنى (ئەتە) ئىستانبۇلدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قىسقارتىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.

587022
ئوپېك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېك باش كاتىپى مۇھەممەد باركىندو، ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 23 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئېنېرگىيە قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن مەتبۇئات مەنسۇپلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئوپېك دۆلەتلىرىنىڭ ئۆتكەن ئاي ئالجىرىيەدە چاقىرىلغان غەيرىي رەسمىي يىغىنىدا چىقىرىلغان <نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىش> قارارىنىڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن باركىندو، بۇ قارارنىڭ چوقۇم ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 23 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئېنېرگىيە قۇرۇلتىيىنىڭمۇ بۇ قارارلار توغرىسىدا ھەم ئايرىم ھەم ئورتاق يىغىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن باركىندو، بۇ يەردە ئېچىلىدىغان يىغىندا ھەم ئوپېك ئەزالىرى ھەم ئوپېك سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق پىكىرگە كېلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ، ئالجىرىيەدىكى يىغىنىدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن بىر يۇقىرى ئۆلچەم بېكىتىپ چىقىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «بۇ بىزنىڭ مۇزاكىرىلىرىمىزنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولىدۇ. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ بۇ مۇساپىدە ناھايىتى ئىجابىي رول ئوينىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرىمۇ ئىشلارنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، ئۆتمۈشتە تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇڭا بىزمۇ بۇ قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئىجابىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈلۈشىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىستانبۇلغا كەلگەن ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى بىلەن چارشەنبە كۈنى (ئەتە) سائەت 14:00 تە ئالجىرىيەدىكى يىغىندا چىقىرىلغان <نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىش قارارى> توغرىسىدا كېڭەش ئۆتكۈزىمىز. ئايرىم ئۇچرىشىشلارمۇ داۋاملاشماقتا. ئىستانبۇلدىكى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى بۇ يىغىنىدا بولىدۇ» دېدى.

مۇھەممەد باركىندو، يىغىندىن كېيىن يەنە بىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر