سەئۇدى ئەرەبىستان مىسىرنى نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى

سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت شىركىتى (ئارامكو)، مىسىرنى ئۆكتەبىر ئېيى بويىچە نېفىت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

586992
سەئۇدى ئەرەبىستان مىسىرنى نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر نېفىت مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھەمدى ئابدۇلئەزىز ئارامكونىڭ قارارىنى جەزملەشتۈرگەن بولسىمۇ، مىسىردا يېقىلغۇ كىرىزىسى پەيدا قىلغان قارارنىڭ سەۋەبىگە ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىدى.

مىسىرنى 5 يىل بويىچە نېفىت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى مەزمۇن قىلغان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كېلىشىمگە ئىشارەت قىلغان ئابدۇلئەزىز، كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئارامكونىڭ ئالىدىغان پۇلىنى سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەققىيات فوندىنىڭ تۆلىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئارامكو ياكى سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ 2016 – يىلى ئاپرېلدا ئىشقا ئاشۇرغان مىسىر زىيارىتى جەريانىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان 23 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن، مىسىرنى 5 يىل بويىچە ئايلىق 700 مىڭ توننىدىن نېفىت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەشنى قوبۇل قىلغانىدى.

مىسىر، %2 ئۆسۈم بىلەن ئالغان 15 يىللىق كىرېدىتى بىلەن ئۆتكەن ماي ئېيىدىن بۇيان ئارامكودىن ھەر ئاي 400 مىڭ توننا گاز يېغى، 200 مىڭ توننا بېنزىن ۋە 100 مىڭ توننا دىزېل سېتىۋالماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر