18 ياشقا توشقا ياشلارغا «تۇغۇلغان كۈنى» مۇكاپاتى بېرىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلەردىكى 18 ياشقا توشقان ياشلارغا «تۇغۇلغان كۈنى» مۇكاپاتى بېرىشكە تەييارلانماقتا.

584636
18 ياشقا توشقا ياشلارغا «تۇغۇلغان كۈنى» مۇكاپاتى بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «‹ The Guardian › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلەردىكى 18 ياشقا توشقان ياشلارغا «تۇغۇلغان كۈنى» ھەدىيەسى سۈپىتىدە سچېنگېن رايونىدا كۈچكە ئىگە پويىز بېلىتى بېرىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرلىكىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدىكەن.

بۇ لايىھەنى ياۋروپالىق پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قوللايدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، سچېنگېن رايونىدا توسالغۇسىز سەپەر قىلغىلى بولىدىغان ئايلىق پويىز بېلىتى 479 ياۋرو (يەنى 1640 تۈركىيە لىراسى) ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر