خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى دۇنيا مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (İMF) 152 تىرىلىيون دوللارغا يەتكەن دۇنياۋى قەرزنىڭ پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

583738
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى دۇنيا مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ 2016-يىللىق مالىيە كۆزىتىش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، يەر شارىنىڭ قەرزى باشقا ۋاقىتلاردىكىگە قارىغاندا ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن بولۇپ، قەرز مىقدارى دۇنيا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارى خاراكتېرلىك قىسقا مەزگىللىك خەتەرلەر ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا مەزگىللىك تەھدىتلەر كۆپەيگەن. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە سىياسىي مۇقىمسىزلىق يۈز بەرگەن بولۇپ، كىرىمنىڭ ئاشماسلىقى، ئىقتىسادىي تەڭسىزلىكنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ، نارودنىكلىق ۋە ئۆز ئىچىگە قارىتىلغان سىياسەتلەرگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى ۋە پۇل-مۇئامىلە بازارلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، تۇرغۇنلۇق خەتىرىنى ئاشۇرۇۋەتكەن.

دوكلاتتا يەنە، بانكىچىلىق تۈزۈمىگە مۇناسىۋەتلىك ئاگاھلاندۇرۇشلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. قەيت قىلىنىشىچە، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى بانكىلارنىڭ تۆتتىن بىرى قۇرۇلما خاراكتېرلىك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. بولۇپمۇ، ياۋروپا بانكىلىرى چوڭقۇر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ۋە سىستېمىلىق باشقۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر