نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىم قارار ئالدى

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىتىشنى قىسىش قارارى ئالدى.

579678
نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىم قارار ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەشكىلات كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىتىش نىسبىتىتىنى 32.5 مىليون ۋارىل سەۋىيەسىدە تۇتۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

ئالدىنقى سەۋىيە 33.24 مىليون ۋارىل ئىدى.

نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئىران، نىگېرىيە ۋە لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بۇ قارار ئىجرا قىلىنمايدۇ.

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى مۇھەممەد بىن سالىھ ئەسسادە قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىش مۇددىتىنىڭ نويابىردا چاقىرىلىدىغان يىغىندا بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا 1960 – يىلى 14 – سېنتەبىر كۈنى چاقىرىلغان كونفېېرانس دائىرىسىدە قۇرۇلغان نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتە 14 ئەزاسى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر