سەئۇدى ئەرەبىستاندا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ مائاشلىرى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا نېفىت باھالىرىنىڭ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ مائاشلىرى تۆۋەنلىتىلدى.

577941
سەئۇدى ئەرەبىستاندا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ مائاشلىرى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا دۇنيا مىقياسىدا نېفىت باھالىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن، مىنىستىر مائاشلىرىنى %20 تۆۋەنلىتىش مەزمۇن قىلىنغان بەزى ئىقتىسادىي تەدبىرلەر ئېلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھاكىمىيىتى دۆلەت خادىملىرىنىڭ مائاشلىرىنى تۆۋەنلىتىپ، چۈشۈپ كەتكەن نېفىت باھالىرىنىڭ دۆلەت راسخوتىغا ئېلىپ كېلىدىغان يۈكىنى ئازايتىشقا تىرىشماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى SPAدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خان جامەتى تەرىپىدىن بەزى دۆلەت خادىملىرىنىڭ مائاشلىرى تەرتىپكە سېلىنغان.

مىنىستىر ۋە مىنسىتىرلار سەۋىيەسىدىكى دۆلەت خادىملىرى بىلەن كېڭەش مەجلىس ئەزالىرى، بىرىنچى دەرىجىلىك دۆلەت خادىملىرى بىلەن باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت خادىملىرىنىڭ مائاشى، ئىجتىمائىي ھەق-ھوقۇقلىرى قىسقارتىلدى.

مىنىستىر مائاشلىرىنىڭ %20، كېڭەش مەجلىسى ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان مۇكاپات مىقدارى بىلەن ئاپتوموبىل،ئۆي ۋە ئۆي سايمانلىرى ئۈچۈن ئاجرىتىلىدىغان يىللىق تۆلەملەرمۇ %15 تۆۋەنلىتىلدى.

يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت خادىملىرىنىڭ يىللىق مۇكاپات پۇللىرىنىڭ 2017-يىلى بېرىلمەيدىغانلىقى بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر