شى جىنپىڭ، 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلدى

20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باشلىنىش قىسمىدا يېڭىلىقچى ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى.

565020
شى جىنپىڭ، 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ «سىياسەت ماسلىشىشچانلىقىنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە گۈللىنىش ئۈچۈن يېڭى بىر يول» ناملىق ئېچىلىش يىغىنىغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن مېھمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزى جەريانىدا، ئۆتكەن يىلى ئانتاليانىڭ  ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئۆتكەن يىلقى نۆۋەتچى باشلىق تۈركىيەگە يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا كۆرسەتكەن ئادەتتىن تاشقىرى خىزمىتى ۋە (باشلىقلىق) مۇساپىسىدىكى ئىجابىي تۆھپىسى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

تۈركىيەنىڭ «سىغدۇرۇشچان ۋە سىجىل تەرەققىيات» نى ئۆتكەن يىلى نويابىر ئېيىدا ئانتاليادا ئېچىلغان يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى قىلىش ئارقىلىق «سىغدۇرۇشچان، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە سېلىنما» دېگەندەك تېمىلاردا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن شى جىنپىڭ، تۈركىيەنىڭ نۆۋەتچى باشلىقلىقى  مەزگىلىدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى دائىرىسىدىكى پۈتكۈل خىزمەتلەرگە ئىجابىي باھا بەرگەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ، خاڭجۇدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنلىرى جەريانىدا «ماكرو ئىقتىسادىي سىياسەت ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش، يېڭىلىقچى ئىقتىسادىي ئېىشىش، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە مالىيەسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش، كۈچلۈك خەلقئارا سودا ۋە سېلىنما، سىغدۇرۇشچان تەرەققىيات دېگەندەك دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

دۆلەتلەرنى سودا ۋە سېلىنمىلىرىنى كۆپەيتىشكە چاقىرغان شى جىنپىڭ، يىغىننىڭ كۈچلۈك، سىجىل، سىغدۇرۇشچان ۋە تەڭپۇڭ دۇنيا تەرەققىياتىغا يول ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

خىتاينىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى ئاستىدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى «يېڭىلىقچى، جانلىق، بىر –  بىرىگە تۇتاش ۋە سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئىقتىسادى» دېگەندەك ماۋزۇلار تەشكىل قىلىدۇ.

يىغىنغا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 20 ئىقتىسادىي كۈچى بىلەن، ساھىبخان دۆلەت خىتاي تەكلىپ قىلغان چاد، مىسىر، قازاقىستان، لائۇس، سېنېگال، سىنگاپۇر، ئىسپانىيە ۋە تايلاندمۇ ئىشتىراك قىلماقتا.

ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىنلاردا ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن باشقا يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا ئۇچراشقان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا ۋە رايونلۇق سىياسىي مەسىلىلەرنى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشىمۇ كۈتۈلمەكتە.

يىغىن، يېپىلىش مۇراسىمى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى گېرمانىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر