نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ كەتتى

تۈنۈگۈن خەلقئارا بازاردا دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ خام نېفىت %3.2 تۆۋەنلەپ كەتتى.

557683
نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خام نېفىتنىڭ باھاسى 49 دوللاردىنمۇ تۆۋەنلەپ، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى. ۋارىل باھاسى 48 دوللار 49 سېنت ئەتراپىدا بولدى.

تۈنۈگۈن خەلقئارا بازاردا دوللارنىڭ ئۆسۈشىنىڭ تەسىرى بىلەن ۋارىل باھاسى 49 دوللار 08 سېنتقا چۈشۈپ قالغان خام نېفىت %3.2 تۆۋەنلەپ كەتتى.

بۈگۈن خام نېفىت باھاسى ئاسىيا بازىرىدا 48 دوللار 49 سېنت ئەتراپىدا بولدى. بۇ باھا 16 – ئاۋغۇستتىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان بولدى. 

غەربىي تېكساس تۈرىدىكى خام نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى %0.8 تۆۋەنلەپ، 47 دوللار 11 سېنتقا چۈشۈپ قالدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر