خەلقئارا ئىسلام ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى باشلاندى

60 دۆلەتتىن 2500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان مۇنبەر يىغىنىغا مالايشىيا، تاجىكىستان، يېڭى گىنە، سىرىلانكا ۋە ئىيوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.

543543
خەلقئارا ئىسلام ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى باشلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 12 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىسلام ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا ئۆتكۈزۈلمەكتە.

خەلقئارا ئىسلام ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا تۈركىيەدىن مۇستەقىل سودا – سانائەتچىلەر جەمئىيىتى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى شەۋكەتجان تۇلۇمەن ۋە مۇئاۋىن باش كاتىپى دوكتور ئۆزەر بالقىز قاتناشتى.

بۈگۈن باشلىنىپ، 4 – ئاۋغۇستتا ئاخىرىلىشىدىغان مۇنبەر يىغىنىدا، ئىقتىسادى تەرققىياتنىڭ ئومۇمۇلاشتۇرۇلىشى ۋە سودا ئىمكانىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭەيتىلىشى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىسلام مالىيەسى، مودا ۋە لايىھە، يېڭى تېخنىكا، ھالال يېمەك – ئىچمەك سانائىتى ساھەسىنىڭ تەرەققىي قىلدۈرۈلىشى، ئىسلام مالىيە مەنبەلىرىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش لايىھەلىرىنىڭ كۆپەيتىلىشى قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە لېكسىيەلەر سۆزلىنىدۇ.

60 دۆلەتتىن 2500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان مۇنبەر يىغىنىغا مالايشىيا، تاجىكىستان، يېڭى گىنە، سىرىلانكا ۋە ئىيوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر