ھەربىي ئىسيان چەت ئەللىك كارخانىچىلارنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشىغا توسالغۇ بولالمىدى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى تۈركىيەدىكى چتلك سودىگەرلەر ئەڭ قويۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەگەر ئەركىن سودا رايونىغا مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىغا دەخلى - تەرۇز قىلالمىدى.

541223
ھەربىي ئىسيان چەت ئەللىك كارخانىچىلارنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشىغا توسالغۇ بولالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆپىنچىسى چەت ئەللىك كارخانىچىلارنىڭ سەرمايىسى بىلەن قۇرۇلغان 72 شىركەت ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەگەر ئەركىن سودا رايونىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى ۋە مەسئۇل شىركەتنىڭ دىرېكتورى فارۇق گۈلەر دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەرنىڭ تۈركىيەگە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىۋاتقان كارخانىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى؛ تۈركىيەنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى خىزمىتى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى، دىنامىكىلىق ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، ئۇيغۇن ئەمگەك كۈچى ۋە مۇقىم ئىقتىسادىي تەرەققىياتى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى تۈپەيلى چەت ئەللىكلەرنىڭ ئالدى بىلەن تۈركىيەنى تاللىشىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى؛  شۇڭا رايوننىڭ چەت ئەللىك كارخانىچىلارنىڭ ئەڭ جەزبىدارلىق رايونلىرىدىن بىرىگە ئايلانغانلىقىنى، رايوندىكى چەت ئەل  شىركەتىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ئاساسلىنىدىغان، ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ سېلىۋاتقان شىركەتلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ شىركەتلەر تۈركىيەنىڭ ئەمگەك كۈچىگە، ئۇچۇر خەزىنىسىگە ۋە ئەۋزەللىكلىرىگە چىن ئىشىنىدۇ. جۈملىدىن، رايونغا مەبلەغ سېلىۋاتقان بۇ شىركەتلەر قىسقا مەزگىللىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئاچرايدىغان، ھادىسىلەرگە سەلبىي نەزەر بىلەن قارايدىغان شىركەتلەردىن ئەمەس. ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن ھېچقانداق بىر شىركەت چېكىنمىدى. جۈملىدىن بۇ شىركەتلەر، ياۋروپا ۋە ياپونىيەنى مەركەز قىلىپ، پۈتكۈل دۇنيادا ئاپتوموبىل ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىگە كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ  سېلىۋاتقان شىركەتلەردۇر. ئەسلىدە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى تۈركىيەنىڭ سودا دۇنياسىدىكى بارلىق سىستېمىلارنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغان بىر ھەرىكەت ئىدى، ئەمما تۈركىيە خەلقى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سەزگۈرلۈكى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە جاسارىتىگە تايىنىپ، بۇ ئىسياننى دەل ۋاقتىدا تارمار قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر