«‹تۈرك ئېقىمى› سۆھبىتى قايتا باشلاندى»

رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك «تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى دائىرىسىدە تۈركىيە بىلەن قايتا سۆھبەت باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

540625
«‹تۈرك ئېقىمى› سۆھبىتى قايتا باشلاندى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ Rossiya 24 خەۋەر قانىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نوۋاك تۈركىيەنىڭ بىۋاسىتە بىر لىنىيە ئارقىلىق رۇسىيەدىن 15.7 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىش نىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «‹تۈرك ئېقىمى› تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىدە ئىككى لىنىيە بەرپا قىلىش مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن قايتا سۆھبەت باشلاندى. ئىككىنچى لىنىيە ئارقىلىق ياۋروپانىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىغا تەبىئىي گاز  يەتكۈزۈش پىلانلانماقتا.»

رۇسىيەنىڭ گازپروم شىركىتى تۈركىيەگە سېتىۋاتقان تەبىئىي گاز  مەسىلىسى توغرۇلۇق ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان % 10.25 لىك باھانى چۈشۈرۈش كېلىشىمدىن ئورۇن ئالمىغانلىقى ئۈچۈن، ‹تۈرك ئېقىمى› لايىھەسىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىغان، تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان رۇس ئايروپىلانى 24 – نويابىر كۈنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى لايىھە توغرۇلۇق ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر