ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىر شىمشەك خىتايغا بارىدۇ

ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىر شىمشەك چېڭدۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان گ-20 دۆلەت گۇرھى مىنىستىرلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن خىتايغا بارىدۇ.

534066
ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىر شىمشەك خىتايغا بارىدۇ

مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك 23-ئىيۇلدىن 24-ئىيۇلغىچە خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان گ-20 دۆلەت گۇرۇھى مىنىستىرلار ۋە مەركەز بانكىسى باشلىقلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

خىتاينىڭ گ-20دۆلەت گۇرۇھى نۆۋەتچى رەئىسلىكى دائىرىسىدە بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنلارغا تۈركىيەنىڭ سابىق نۆۋەتچى رەئىسلىك سالاھىيتى ۋە  گ-20 دۆلەت گۇرۇھى «ئۈچ تەرەپ قۇرۇلمىسى»ئەزاسى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «گ-20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ يىل مىنىستىرلار ۋە مەركەز بانكىسى باشلىقلىرى سەۋىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغدا دۇنيا ئىقتىسادىي، سىجىل، مۇۋازىنەتلىك ۋە كۈچلۈك زورىيىش ئەندىزىسى، سېلىنما ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى، پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتلىرى، خەلقئارا باج مەسىلىلىرى، تېررورىزىمنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش، يېشىل پۇل-مۇئامىلە ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشگە چېتىشلىق پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق مەسىلىلەر 7 يىغىن بۆلۈمىدە كېڭەش قىلىنىدۇ. شىمشەك، گ-20دۆلەت گۇرۇھى مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ رەسمىي پىروگراممىسىدىن سىرت، گ-20دۆلەت گۇرۇھى نۆۋەتچى رەئىسى خىتاي بىلەن كېيىنكى قېتىم گ-20 دۆلەت گۇرۇھى نۆۋەتچى رەئىسى بولىدىغان گېرمانىيە تەرىپىدىن ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزۈلىدىغان گ-20دۆلەت گۇرۇھى باج سىياسەتلىرى لېكسىيەلىرىغا يىغىن ئىشتىراكچىسى سۈپىتىدە قاتنىشىپ، مەنسەبداشلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر