مەھمەت شىمەك: يانداش دۆلەت خىيانەت گۇرۇھىنىڭ مەنسۇبلىرىغا تىگىشلىك چارە كۆرۈلىدۇ

ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك يانداش دۆلەت خىيانەت گۇرۇھىنىڭ مەنسۇبلىرىغا تىگىشلىك چارە كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

534019
مەھمەت شىمەك: يانداش دۆلەت خىيانەت گۇرۇھىنىڭ مەنسۇبلىرىغا تىگىشلىك چارە كۆرۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشنىڭ يېگانە مەقسىتىنىڭ، «يانداش دۆلەت خىيانەت گۇرۇھى»نىڭ دۆلەتنىڭ بارلىق ئورگانلىرىدىكى تەسىرلىرىنى يىلتىزدىن قۇرۇتۇپ تاشلاش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك كىرزىسلەرنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش قارارىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرىسىدا ئۇچۇر تارتقانلىقىنى ئېيتقان شىمشەك مۇنداق دېدى: «يانداش دۆلەت خىيانەت گۇرۇھىنىڭ مەنسۇبلىرىغا تىگىشلىك چارە كۆرۈلىدۇ، ھەرگىز نورمال پۇقرالارغا زەررىچىلىك چەكلىمە قويۇلمايدۇ. ئىقتىسادىي ئەركىىنلىكلەر، بازارلارنىڭ ئەھۋالى، ئومۇمىي سېلىنمىلارنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈستىدە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىمىز.»

بازارلارنىڭ ئوڭۇشلۇق شەكىلدە جانلاندۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان شىمشەك مۇنداق دېدى: «بازارلارنىڭ قائىدە-پىرىنسپىلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلىمىز، بازارلار بارلىق ئورگانلىرى بىلەن ئوڭۇشلۇق شەكىلدە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەپقاچتى گەپلەرگە ئىشەنمەسلىكىمىز كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر