G20 ئىقتىساد مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى شاڭخەيدە ئېچىلدى

G20 گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرلىرىنىڭ شاڭخەيدە ئېچىلغان يىغىنى تۇنجى قېتىم بىر ئورتاق خىتابنامەنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

527013
G20 ئىقتىساد مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى شاڭخەيدە ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  G20ئىقتىساد مىنىستىرلىرىنىڭ شاڭخەيدە ئېچىلغان يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىندى. خىتابنامىدە، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى خەتەرلىك ئەھۋاللارغا ئالاھىدە دىققەت تارتىلدى. سودا شېرىكچىلىكىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش قارارى ئېلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىدا تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋە پاراۋانلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

يىغىندا، « G20 سودا ۋە سېلىنما گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەزىپىلىرى»، «دۇنيا سودا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى» ۋە «دۇنيا مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش پىرىنسىپلىرى» دىن ئىبارەت ئۈچ ھۆججەت ئىمزالاندى. بۇنىڭدىن باشقا، كۆپ تەرەپلىمىلىك سودا تورىنى كۈچەيتىدىغان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى كىچىك، ئوتتۇرا تىپتىكى شىركەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغان ئىككى كېلىشىم ئىمزالاندى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە «سودىنى ئاسانلاشتۇرۇش كېلىشىمى» نى تەستىقلاش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى. كۆچمەنلەرنىڭ ئىقتىسادقا ۋە سودىغا ھەسسە قوشۇشى ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىشى ھەققىدىكى بىر ماددا، تۈركىيەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن خىتابنامىغا كىرگۈزۈلدى.

يىغىنغا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى قاتناشتى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر