خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇش نىسبىتى ئاشقان

2016 – يىلى بىرىنچى پەسىلدە خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇش نىسبىتىنىڭ 2015 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %52.5 ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

517271
خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇش نىسبىتى ئاشقان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە چىقىدىغان پۇل – مۇئامىلە گېزىتىنىڭ 23 – ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا 2016 – يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى قوبۇل قىلغان كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك دېلو 1028 گە يەتكەن بولۇپ، 2015 – يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %52.5 ئاشقان. 2008 – يىلىدىن 2015 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قوبۇل قىلىنغان دېلو 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر