رۇسىيە بېلارۇسىيەگە نېفىت ئېكسپورتىنى ئازايتىدۇ

رۇسىيە ھۆكۈمىتى بېلارۇسىيەگە تەبىئىي گاز قەرزىنى تۆلىمىگەنلىكى ئۈچۈن نېفىت ئېكسپورتىنى ئازايتىدۇ.

512987
رۇسىيە بېلارۇسىيەگە نېفىت ئېكسپورتىنى ئازايتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك پېتېرسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىقتىساد مۇنبىرىدە قىلغان سۆزىدە، بۇ يىل (2016) نىڭ تۇنجى چارىكىدە بېلارۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىنىشى پىلان قىلىنغان 250 مىڭ توننا نېفىتنىڭ 89 مىڭ توننىلىق قىسمىنى ئەۋەتكەنلىكىنى، يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە ھازىرچە نېفىت ئېكسپورت قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بېلارۇسىيەگە قەرزىنى تۆلىمىگەنلىكى ئۈچۈن نېفىت ئېكسپورتىنى ئازايتىدىغانلىقلىرىنى، ھازىرچە قانچىلىك مىقداردا نېفىت تۇتۇپ قېلىشنىڭ بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز شىركىتى ھېسابلىنىدىغان گازپروم بېلارۇسىيەدىكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەردىن گاز پۇلىنى  ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن ماي ئېيىدا خەلقئارالىق سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى.

بېلارۇسىيە دائىرىلىرى ئۆتكەن ئاي نېفىت باھاسىدىكى تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن گازپرومدىن باھادا ئېتىبار قىلىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما بۇ تەلەپ رەت قىلىنغان ئىدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر