ئېكۋاتور تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئېكۋاتور تاشقى ئىشلار ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلەر مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئاپرېلدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ياردەم قولىنى سۇنغان تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.

512334
ئېكۋاتور تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئورگىنى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئېكۋاتور تاشقى ئىشلار ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلەر مىنىستىرلىقى «ئېكۋاتور يالغۇز ئەمەس» دېگەن تېمىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتقان ھەمدە ئېكۋاتور خەلقىنىڭ تۈركىيەدىن ئىنتايىن مىننەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ئېكۋاتورغا ئەۋەتىلگەن بارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ۋە زىچ ھەمكارلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە كۆپتىن – كۆپ رەھمەت» دېيىلگەن باياناتتا، تۈركىيەنىڭ جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئورگىنى ئارقىلىق ئېكۋاتورغا بەرگەن ياردەملىرى ۋە ئىشلىگەن سەھىيە خىزمىتىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن، تۈركىيەنىڭ ئېكۋاتورغا بەرگەن ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ مىقدارىنىڭ 2 مىڭ توننا يېمەك – ئىچمەك، 2 مىڭ توننا تازىلىق بۇيۇملىرى، 60 ئالاھىدە توڭلاتقۇ، 20 توڭلاتقۇ، 20 دالا مۇنچىسى ۋە ھەر بىرىدە 13 بولۇپ، جەمئىي 3 دالا تەرەتخانىسىنى بىلەن قوشقاندا جەمئىي 24.9 توننىغا يېتىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئېكۋاتور تاشقى ئىشلار ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلەر مىنىستىرلىقىنىڭ لوگوسىغا تۈركىيە بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئېكۋاتور خەلقىنىڭ تۈركىيە خەلقىگە بولغان مىننەتدارلىقى ئىپادىلەنگەن.

ئاپرېل ئېيىدا ئېكۋاتورنىڭ تىنچ ئوكيان ساھىلىدا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 663 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر