خىتاي نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي داۋالغۇشنى بىر تەرەپ قىلالامدۇ؟

تاراتقۇلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قەرزىنىڭ 25 تىرىلىيون دوللارغا يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى تەخمىنەن 16 تىرىلىيون دوللارنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بانكا ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بولغان قەرز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

512141
خىتاي نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي داۋالغۇشنى بىر تەرەپ قىلالامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئانالىزچىلار، خىتايدىكى ياساش سانائىتىنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن، شىركەتلەرنىڭ بۇ قەرزنىڭ %30 نى قايتۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى شىركەتلەر قايتۇرالمايدىغان قەرزلەرنى بانكا زايومىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلققە سېتىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان غەرب ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشى بويىچە ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى بەلگىلەشنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماركىسىزملىق ئىقتىسادىي قانۇنىيەتلەر بويىچە ئىقتىسادىي سىياسەت بەلگىلەيدىغانلىقىنى ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇنى بىر قانچە قېتىم قايتا – قايتا تەكىتلىگەن. بىراق، شى جىنپىڭ چىقارغان قارارلار مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۇللىرىنى خىتايدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە ۋە خىتايغا بولغان ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولغان.

ئۇنداقتا، خىتايدا پۇل – مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بېرىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىتاي بازىرىغا بولغان ئىشەنچى ئازايغاندا، قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقامدۇ؟

بۇنىڭغا بەزى ئانالىزچىلار: «ھازىرچە بۇنىڭغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلىرى ۋە يېڭى سىياسەتلىرىنىڭ قانداق نەتىجە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر پۇل – مۇئامىلە بازىرىدا چوڭ مەسىلە كۆرۈلسە، مەبلەغ ئازىيىپ، ئىشسىزلىق كۆپىيىدۇ ۋە خەلق كەمبەغەللىشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ‹ئىسلاھات›، ‹ئىسلاھات› دەپ ۋارقىراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئېنىق بىر ئىسلاھات پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. بازارغا بولغان ئىشەنچ سېلىنىدىغان مەبلەغنى بەلگىلەيدۇ.»

« پۇل – مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىس خىتايدا ئىجتىمائىي كىرىزىسلارنى پەيدا قىلىشى؛ ئىجتىمائىي كىرىزىس ئاخىرىدا كېلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى، نەتىجىدە خىتاي ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىقتىسادىي تەرىپىدىن يىقىلىشى مۇمكىن» دەيدۇ، يەنە بەزى ئانالىزچىلار. بۇ پىكىرنى قوللايدىغان ئانالىزچىلارنىڭ بەزىلىرى: «خىتاي تارىخىدا ۋەيران بولغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىقتىسادىي كىرىزىس، خىيانەتچىلىك، ئېغىر ئالۋاڭ – ياساق ۋە باج، خەلقنىڭ بۇنىڭغا بولغان نارازىلىقى تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغان. كاپىتالىزم ئۆزىنى ئۆزى يېڭىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. شۇڭا نۇرغۇنلىغان كىرىزىسلاردىن قۇتۇلۇپ قالدى. بىراق، خىتاي ئىقتىسادتا كاپىتالىزم، سىياسەتتە ئەنئەنىۋى دىكتاتورلۇق تۈزۈمنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. ئەگەر ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بەرسە، خىتايدا كاپىتالىزمنىڭ ئىلاستىكىلىق ۋە ئۆزىنى يېڭىلايدىغان ئالاھىدىلىكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەيران بولۇشتىن قۇتۇلالىشى مۇمكىنمۇ؟ پاۋل كېننىدىي: ‹سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ۋە سىرتقا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان خىراجەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىي كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن پارچىلانغانلىقى› نى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دەيدۇ.

خىتايدا ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بېرىش – بەرمەسلىكىگە تەمكىنلىك بىلەن قاراۋاتقان ئانالىزچىلار تۆۋەندىكىلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ:

«تارىختا ئىقتىسادىي كىرىزىس كۆپ يۈز بەرگەن. ئەمما، ھەممىسى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى پەيدا قىلالمىغان. ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈچۈن سىياسىي مەسىلىلەرمۇ پەيدا بولۇشى كېرەك. سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىق ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىقنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرىدۇ. خىتاي ئىقتىسادىي سىياسەت بەلگىلەشتە ئاجايىپ غەلىتە. خىتاينىڭ خېلى كۆپ ئىقتىسادشۇناسلىرى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان سىياسەتلەرنى خاتا، دەپ قارايدۇ. شى جىنپىڭ ئۆز ئالدىغا ئىقتىسادتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغاندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ. بۇ خىتاي ئىقتىسادىي ئۈچۈن ھەقىقەتەن خەتەرلىك ئەھۋال. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى باشقۇرۇشتا كۈچلۈك ئورۇندا. بىراق، مەسىلە كۆرۈلسە بازارنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەن ۋە يېڭىلاش كۈچى يېتەرسىز بولغانلىقى ئۈچۈن قالايمىقانچىلىقنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى زور. دېمىسىمۇ، خىتاي ئىقتىسادى 2008 – يىلىدىن تارتىپ يامانلىشىۋاتىدۇ. دۇنيا بانكىسىمۇ بىر قانچە قېتىم بۇ توغرىدا ئاگاھلاندۇرغان، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە چارە تاپالمىدى.»

يۇقىرىدىكى پىكىرگە قارىتا، بەزى ئانالىزچىلار: «توغرا، بۇ مەسىلىلەرنى خىتايمۇ بىلىدۇ. خىتاينىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىق ئىقتىسادشۇناسلىرى بار. ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇپ قىلىش ۋە تۈزۈتۈش خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قولىدا. بىراق، ئىقتىساد دېگەن نەرسە بىرسىنىڭ كۆز قارىشى ياكى باشقۇرۇشىغا قارىماستىن، ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققىي قىلىدۇ. تارىختا ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىپ باققان نۇرغۇن ئىمپېراتورلۇقلار ئۆتكەن. بەزىلىرى يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن. بەزى تەرەققىياتلار ئىنسانلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولمايدۇ » دېگەن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر