دۇنيا بويىچە ئەڭ باي ئادەم ئاچارچىلىققا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدى

دۇنيا بويىچە ئەڭ باي شەخسلەردىن بىرى بولغان مىلياردېر بىل گېيتس ئاچارچىلىققا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدى.

507051
دۇنيا بويىچە ئەڭ باي ئادەم ئاچارچىلىققا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنياغا داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گېيتس نامرات دۆلەتلەردىكى ئاچارچىلىقنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن 100 مىڭ دانە چۈجە ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، چۈجىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىنى، باشقا خىلدىكى ياردەملەرگە قارىغاندا  بۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىل گېيتسنىڭ لايىھەسى بۇركىنا فاسودىن نىگېرىيەگىچە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلىدىغان چۈجىلەر ئارقىلىق رايوندىكى ئىنسانلارنىڭ ئۆز  - ئۆزىنى ئۇزۇق مەنبەسى بىلەن تەمىنلىشىنى نىشان قىلىدىكەن. لايىھە ئۈچۈن يىلىغا 400 مىليون دوللار ئاجرىتىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر