تۈركلەر ئىراندا تۇنجى سودا مەركىزى ئاچىدۇ
بىر تۈرك شىركىتى 2016 – يىلى 26 – ئاۋغۇست ئىران پايتەختى تېھراندا ئىران – تۈركىيە سودا مەركىزى ئاچىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر تۈرك شىركىتى تەرىپىدىن تېھراندا ئېچىلماقچى بولغان سودا مەركىزىي تۈركىيەدىن بارىدىغان 100 شىركەتكە ساھىبخانلىق قىىلدۇ. سودا مەركىزىي ئاچماقچى بولغان شىركەتنىڭ پەخرى رەئىسى نەجدەت ئۆزتۈرك سودا مەركىزىنى تونىتىش يىغىنىغا، تەخمىنەن 40 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق بىر جاينى لايىھە ئۈچۈن تەسىس قىلغانلىقلىرىنى، بۇنىڭ 10 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق قىسىمنىڭ ئۈستى يېپىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئىراندا كۈچلۈك بولغان تۈرك ماركىسىنى پەيدا قىلماقچى بولغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مەركەز ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ھەربىر شىركەتنىڭ ييىلىغا 5 مىليون دوللار كىرىم قىلىشىنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
ئۇ 26 – ئاۋغۇستتىكى ئېچىلىشقا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىدىغانلىقلىرىنى، باش مىنىستىر، تاشقى ئىشلار، ئىقتىساد ۋە سودا مىنىستىرلىرىنىمۇ بىرلىكتە تەكلىپ قىلىپ، سودا مەركىزىدىكى سودا – سانائەتچىلەر بىلەن تونۇشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.