تۈركىيە ئېنېرگىيە ساھەسىدە مۇھىم لايىھەنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ

تۈركىيە ئېنېرگىيە ساھەسىدە سىرتقا تايىنىشنى ئازايتىدىغان مۇھىم لايىھەلەردىن بىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

498481
تۈركىيە ئېنېرگىيە ساھەسىدە مۇھىم لايىھەنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاناققەلئە گەلىبولۇدىكى پويراز رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گازنى ئاساسىي تۇرۇبا لىنيەسىگە باغلاشقا مۇناسىۋەتلىك ۋاقىت جەدۋىلى مۇقىملاشتى. بۇيەردە ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گازنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇش لايىھەسى 2017 – يىلى مارت ئېيىدا تاماملىنىدۇ. گەلىبولۇ پويراز گازى تۈركىيە – گىرېتسىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنيەسىدە ئاقتۇرۇلىدىغان بولۇپ، تۈركىيە بۇنىڭ نەتىجىسىدە تەبىئىي گازنى ئاز مىقداردا ئىمورت قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر