نېفىت باھاسى ئۆرلەشكە باشلىدى

برېنت نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسى 50.22 دوللارغا چىقىپ، يەتتە ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى كۆردى.

498282
نېفىت باھاسى ئۆرلەشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (25 – ماي) 49 دوللارنىڭ ئۈستىدىن باشلانغان برېنت نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسى، ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسى (EIA) ئېلان قىلغان سانلىق رەقەملەرنىڭ كۈتكەندىن تۆۋەن بولۇشى سەۋەبىدىن 49.86 دوللاردىن ئاخىرلاشتۇردى.

بۈگۈن (26 – ماي) بىر ۋارىل برېنت نېفىتىنىڭ باھاسى 50 دوللاردىن ئېشىپ، 50.22 دوللارغا چىقتى ۋە 2015 – يىلى 4 – نويابىردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كەلگەندىن كېيىن، 50.10 دوللارغا تۆۋەنلىدى.

ئانالىزچىلار، يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان پاي چېكى بازارلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىجابىي يۈزلىنىش ۋە دوللار ئېندىكسىدىكى تۆۋەنلەشنىڭ تەسىرىدە، برېنت نېفىتىنىڭ باھاسىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئانالىزچىلار يەنە، ئامېرىكا بۈگۈن ئېلان قىلىدىغان سانلىق رەقەملەرنىڭ، پاي چېكى بازىرىنىڭ يۈزلىنىشىنى بەلگىلەش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

غەربىي تېكساس خام نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسى 49.97 دوللارغا چىقىپ، 2015 – يىلى 12 – ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى كۆرگەندىن كېيىن، 49.80 دوللارغا تۆۋەنلىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر