ئاسىيادا ياپونىيەدىن باشقا پاي چېكى بازارلىرىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلدى

ئاسىيا پاي چېكى بازارلىرىدا، ياپونىيە نىككېي ئىندېكسىدىن باشقا ئىندېكسلەر كۈننى تۆۋەنلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

474522
ئاسىيادا ياپونىيەدىن باشقا پاي چېكى بازارلىرىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە نىككېي ئىندېكسى تۈنۈگۈن (19 – ئاپرېل) كى %3.7 لىك ئۆرلەشتىن كېيىن، بۈگۈن (20 – ئاپرېل) مۇ سېتىۋېلىشنى ئاساس قىلغان ئۆرلەشنى داۋاملاشتۇردى. نىككېي ئىندېكسى بۈگۈن %0.2 ئۆسۈپ، 1606.54 نومۇر بىلەن ئاخىرلاشتى.

خىتايدا ئۆرلەش بىلەن باشلانغان شاڭخەي بىرلەشمە ئىندېكسى ئېشىپ بارغان سېتىش نەتىجىسىدە، ئانالىزچىلار مۇھىم ياردەم دەپ قارىغان 3 مىڭ نومۇرنىڭ ئاستىغا چۈشتى. شاڭىەي بىرلەشمە ئىندېكسى %3.6 تۆۋەنلەپ، 2934.07 نومۇرغا چۈشتى.

جەنۇبىي كرېيە كوسپى ئىندېكسى %027 تۆۋەنلەپ، 2005.83 نومۇرغا چۈشتى.

19 – ئاپرېل دەم ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلمىغان ھىندىستان پاي چېكى بازىرىدا، سېنسېكس ئىندېكسى بۈگۈن %0.11 تۆۋەنلەپ، 25785.89 نومۇرغا ھۈشتى.

خوڭكوڭ خاڭ سېڭ ئىندېكسى %1.13 تۆۋەنلەپ، 21182.67 نومۇرغا چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر