ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى

ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى (Fed)، يېقىنقى كۈنلەردىكى سەلبىي ئىقتىسادىي ۋە پۇل - مۇئامىلە ئۆزگىرىشلىرى سەۋەبىدىن ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى. بۇ يىلغا مۇناسىۋەتلىك ئۆسۈمنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى تۆۋەنگە قاراتتى.

452456
ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ پۇل سىياسىتىنى بېكىتىدىغان فېدېراتسىيە ئوچۇق بازار كومىتېتىنىڭ ئىككى كۈنلۈك مارت ئېيى يىغىنى ئاخىرلاشتى. يىغىن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، كۆرسەتكۈچ ئۆسۈم نىسبىتىنى %0.25 دىن %0.50 گىچە مۇقىم تۇتۇش قارار قىلىنغان.

يىغىن قارارىدا، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئۆرلەۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى پەرەز قىلغان %2 لىك رەقەمنىڭ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئوتتۇرا مەزگىلدە پەرەز قىلىنغان رەقەمگە يېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. قارار دا يەنە، ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە مال باھاسىنى مۇقىم قىلىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، قەدەم – باسقۇچلۇق ھالدا ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

قاراردا، دۇنيا ئىقتىسادىي ۋە پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ داۋاملىق خەتەرلىك ۋەزىيەت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈمنى مۇقىم تۇتۇشنى قارار قىلىشتىن ئىلگىرى تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن ئامېرىكا پاي چېكى بازارلىرى، يىغىن قارارىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئۆرلەشكە باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر