تۈركىيە – نىگېرىيە سودا – ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش كېلىشىمى

تۈركىيە – نىگېرىيە ئوتتۇرىسىدا سودا – ئىقتىساد ۋە سانائەت ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالاندى.

443644
تۈركىيە – نىگېرىيە سودا – ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش كېلىشىمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقا زىيارىتى دائىرىسىدە نىگېرىيەگە يېتىپ بېرىپ، پىرېزىدېنت مۇھەممەد بۇخارى بىلەن كۆرۈشتى ئاندىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى، ئارقىدىن پىرېزىدېنت سارىيىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى تۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدىن كېيىن ئەردوغان بىلەن بۇخارى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن نىگېرىيەدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە نىگېرىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئافرىقىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق، ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەر دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان تارىخىي ھۆججەتلەردۇر.» ئەردوغان مۇخبىرلارنىڭ سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، نىگېرىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن جەھەتتىن ئوخشاش ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي، سودا، مەدەنىيەت جەھەتتىن مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقلارنىڭ ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىر يىل تۈركىيەدە، بىر يىل نىگېرىيەدە زىيارتتە بولۇشى ھەمكارلىقىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىمىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىز ‹ھەممە تەرەپ پايدىلانسۇن› پىرىپسىپى دائىرىسىدە ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر